نۆۋەتتىكى ئورنى: ئۆي > 公司新闻-UG > ATFX ئىسپانىيە Forex Day پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

ATFX ئىسپانىيە Forex Day پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

 

Forex Day ئىسپانىيەدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تاشقى پېرىۋوت سودا كۆرگەزمىسى. «ئالتىنچى نۆۋەتلىك ئىسپانىيە خەلقئارا سودا كۆرگەزمىسى-Forex Day » نى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن FX for a Living بولۇپ، كۆرگەزمە 2018-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلدى. ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ۋاستىچى سودا شىركەتلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سودا قىلغۇچىلار مادرىدقا جەم بولدى. بۇ يىل كۆرگەزمە ئورۇنلىرى كۆپ مەنبەلىك، ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆرگەزمىگە بولغان يۇقىرى ئۈمىدىنى چۈشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، كۆرگەزمە باش تېمىسى ۋە FX بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، قاتناشقۇچىلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدىكى تەكلىپلىك ئەزىز مېھمانلار پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ يارقىن نۇقتىسى بولدى، ئەزىز مېھمانلار قاتارىدا خەۋەر ۋە سودا تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى CNBC، Bloomberg ۋە BBC قاتارلىق تاراتقۇلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ بار بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تاشقى پېرىۋوت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ATFX يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى چوڭ پائالىيەتلەردە تەكرار نامايەن بولدى. ئۆتكەن يىلقى Finance Magnates باش بولۇپ تەشكىللىگەن لوندون قابىللار يىغىنىمۇ لوندوندا تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى قىلدى، شۇنداقلا تايمىس گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىم Forex Day كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ATFX نىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنى 2018-يىل داۋاملىق ئۆتكۈزۈشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى.

ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن Forex Day بولسا ATFX بۇ يىل تۇنجى قېتىم ياۋرو رايونىدا قاتناشقان كۆرگەزمە پائالىيىتى، ATFX بۇ پائالىيەتتە كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىپ، كەسپىي قوشۇننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ئاستىدا بازاردىكى كەسپىي زاتلار ۋە تاشقى پېرىۋوت سودىسىغا قىزىقىدىغان زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپ خىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى جەھەتتە ATFX ياۋروپادىكى سودا قىلغۇچىلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كەسپىي ساھەدىكى ئەڭ يېڭى تاشقى پېرىۋوت سودا شىركەتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىي زاتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

ATFX «پېرىۋوت شاھى» (Currency Kings) ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى Ben Robson ئەپەندىنى بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى مۇقىم پايدا، تاشقى پېرىۋوت، غول تاۋارلار جەھەتتە 20 نەچچە يىللىق كەسپىي مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسىگە ئىگە. بۇنىڭدىن بۇرۇن مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن «قانداق قىلغاندا سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ-سودا نەتىجىسىنى يۇقىرى ئۆتۈرۈش كۆرسەتمىسى» باش تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىمىزدا، ئۇ سودىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىم ۋە خەلقئارالىق سودا بازىرىنىڭ تەرەققىيات ستراتىگىيىسى، سودا قوراللىرى چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئورتاقلاشقان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سودا بازىرىدا قانداق قىلغاندا كۆپ خىل سودا ستراتىگىيىسىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان، ھەم سودىدا گۇرۇپپىلاپ مەبلەغ سېلىشنى قانداق پىلانلاش توغرىسىدا يىغىن قاتناشچىلىرىنى چوڭقۇر يېتەكلەش بىلەن تەمىنلىگەنىدى.

يىغىن قاتناشچىلىرى تاشقى پېرىۋوت بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلار توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلدى، مۇھاكىمە يىغىنى يىغىنغا قاتناشقان يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ATFX يېقىندىن بۇيان كۆپ ساندىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېقىندا ئىسپانىيەدە بىر قېتىملىق زىيارەتتە بۇ شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سېتىش دېرىكتورى Endrit بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئۇچۇرلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ ATFX نىڭ ياۋروپادىكى كەسپلىرىنى ۋە شىركەتنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇرۇپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ياۋروپادىكى كەسپلىرىمىزگە قارىتا ئۈمىدۋار كەيپىياتتا، بىزنىڭ سودا مۇھىتىمىز ئىنتايىن بىخەتەر، بىز سودا قىلغۇچىلارنى كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە سودا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز، مۆلچەرىمىزچە، ياۋروپادىكى كەسپلىرىمىز ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ساقلاپ قالالايدۇ.» زىيارەتتە ئۇ ATFX ماركىسى ۋە ATFX تەمىنلىگەن ئىلغار مۇلازىمەتلەرنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، Ben Robson ئەپەندى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ باش لېكتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىملىق زىيارەتتە تاشقى پېرىۋوت بازىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر توغرىسىدا ئورتاقلاشتى، ھەم پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى يۆنىلىشىنى ئانالىز قىلدى.

Forex Day پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىسى ATFX نى بىر ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، يەنى بىز ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس سالاھىيىتىدە تاشقى پېرىۋوت ۋە پۇل مۇئامىلە ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. شۇنداقلا تېخنىكىلىق يۈز ۋە ئاساسىي يۈز ئانالىزى، سودا تەرتىپى، سودا تاكتىكىسى قاتارلىق بازار قاتناشچىلىرى قىزىقىدىغان تېمىلاردا قىزغىن پاراڭلاشتۇق. ATFX بۇنداق كەم ئۇچرايدىغان پۇرسەتنى قەدىرلەيدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆرگەزمىلەرگە كۆپلەپ قاتنىشىدۇ.

بارلىق سودىنىڭ خەتىرى بار، زىيىنىڭىز بەلكىم سالغان ئومۇمىي مەبلىغىڭىزدىن ئېشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

قانۇنىي ئۇچۇر: AT Global Markets (UK) Limited ئەنگلىيە شىركىتى بولۇپ، ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (FCA) نىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، ھەم ئۇنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نومۇرى 760555، رويخەتكە ئېلىنغان خىزمەت ئورنى:

1st Floor, 32 Cornhill, London EC3V 3SG, United Kingdom. Company No. 09827091

 

相关文章

Sorry, no posts matched your criteria.

热门标签